ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كاسىللاس ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:47

ئىسپانىيە تاراتقۇسى ئىسپانىيە سېر رادىيو ئىستانىسسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيەلىك قاپقىچى كاسىللاس ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ 2020-يىلىدىكى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمىئيىتىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى رۇبىيالېس كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلگەن.

سېر رادىئو ئىستانىسسى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىلا، كاسىللاسنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلاپ بولغان، ھازىر كاسىللاس ئۆزى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم شۇنداقلا سېر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىلگىرىكى قىلغان ئۇچۇرلىرىنىڭ راستلىقىمۇ ئىسپاتلانغان.


ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، بەزى خەۋەرلەردە ھازىرقى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇبىيالېسنىڭ كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ سايلامدىكى رەقىبىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىئارام بولۇشقا باشلايدىكەن. سېر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، كاسىللاس 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرلىكتە چېمپىيون بولغان كوماندىدىكى بارلىق سەپداشلىرىغا تېلېفون قىلغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، كاسىللاس ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان.

كاسىللاسنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى رەئىس رۇبىيالېس بىلەن قارىمۇ-قارشى تەرەپكە ئۆتكەنلىكتىن، بۇ ئىككىيلەننىڭ يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىكى مۇناسىۋىتى سوغۇقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېباسنىڭ كاسىللاسنى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىىتىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىشقا نەسىھەت قىلغانلىقى ھەم شۇنداقلا ئىسپانىيە پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى داۋىد ئاگېنزونىڭمۇ كاسىللاسقا مايىل تەرەپتە تۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ھەم يەنە شۇنداقلا ناۋادا كاسىللاس رەئىس سايلىمىغان قاتناشسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كاسىللاس ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدۇ

ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، بەزى خەۋەرلەردە ھازىرقى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇبىيالېسنىڭ كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،