ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتبول دۇنياسىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى بىلەن قوشۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان قالتىس توپچىلار

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:07

تاراتقۇلار ھازىرقى توپچىلار ئىچىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆۋەن، قوشۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان 10 توپچىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خالاند 63 مىليون ياۋرو بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان، خالاند بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە جەمئىي 27 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 36 توپ كىرگۈزدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سالىسبۇرگقا ۋاكالىتەن 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 28 توپ كىرگۈزدى؛ دورتموندقا ۋاكالىتەن بەش مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزدى.

توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى بىلەن قوشۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان قالتىس 10 توپچى تۆۋەندىكىچە:

1. خالاند (دورتموند): 63 مىليون فوندستېرلىڭ

2. ۋېرنېر (لېيپزىگ قىزىل كالا): 51 مىليون فوندستېرلىڭ

3. توماس (مادرىد ئاتلېتكا): 43 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ

4. مارك روكا (ئىسپانىيەلىكلەر): 33 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭ

5. نۇنېز (بىلباۋ ئاتلېتكا): 25 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ

6. پېللېگرىنى (رىم): 25 مىليون فوندستېرلىڭ

7. ھېچان (سالزبۇرگ): 20 مىليون فوندستېرلىڭ

8. ئاۋىلا (ئوساسۇنا): 20 مىليون فوندستېرلىڭ

9. رۇي سىلۋا (گىرانادا): 12 مىليون 700 مىڭ فوندستېرلىڭ

10. ئادولف گەيچ (سان لورېنزو): 11 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتبول دۇنياسىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى بىلەن قوشۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان قالتىس توپچىلار

تاراتقۇلار ھازىرقى توپچىلار ئىچىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆۋەن، قوشۇۋېلىشقا ئەرزىيدىغان 10 توپچىنى باھالاپ چىققان