ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چوڭ رونالدو: ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونادىن ئايرىلىشنى ئويلاشمىغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:18

 

1997-يىلى يازدا چوڭ رونالدو 27 مىليون 900 مىڭ ياۋرو باھا بىلەن بارسېلونادىن ئايرىلىپ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلدى. خەلقئارا مىلانغا قوشۇلغان تۇنجى مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ 42 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇ يېقىندا ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بارسېلونادا ناھايىتى خۇشال ئۆتكەنلىكىنى، لېكىن كېيىن توختام ئۇزارتىش ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«1996/1997-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مەن كۇلۇب بىلەن يېڭى توختام ئىمزالىغان، ئارقىدىنلا مەن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ قايتىپ كەلدىم، ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىن بىرەيلەن ماڭا تېلىفۇن قىلىپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردى. ئەينى ۋاقىتتا مەن ھەقىقەتەن بارسېلونادىن ئايرىلىشنى ئويلاشمىغان، لېكىن قارار قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس.»

رونالدو كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى دەل بارسېلونادا ياراتقان بولۇپ، 1996/1997-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 49 مەيدان مۇسابىقىدە 47 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 37 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 34 توپ كىرگۈزگەن. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن رونالدو بارسېلونانىڭ ئەشەددىي رەقىبى خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان ۋە بەش مۇسابىقە پەسىلىدە خانلىق مادرىد ئۈچۈن 177 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 105 توپ كىرگۈزگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدتىكى كەسپىي ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشىم روبېرت كارلوس كۆپ قېتىم خانلىق مادرىد توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى، مەن بۇنى ئاڭلاپ باشقىچە بىر خىل ھېسسىياتقا تولدۇم، شۇنداقلا بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇپ بۇ خىل ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ بېقىشنى قارار قىلدىم.»

«خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، مەن بۇ جاينىڭ كارلوس ماڭا ئېيتقاندىنمۇ قالتىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. خانلىق مادرىدتا بېسىم تولىمۇ ئېغىر، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار بار. مەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا كوماندىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى ئارزۇ قىلدىم.»

«كىشىلەرنىڭ خانلىق مادرىدقا بولغان ئۈمىدى ناھايىتى چوڭ، بىزمۇ ئۆز ئەمەلىي كۈچىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قالتىس دەۋرىنى ياراتتۇق، شۇنداقلا پۇتبول دۇنياسىدىكى سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتۇق، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ھەر قايسى كۇلۇبلار كۆپلەپ پۇل تاپتى، يۇقىرى باھادا توپچىلارنى ساتتى ۋە قوشۇۋالدى، پۇتبول دۇنياسى يېڭىچە قىياپەتكە تولدى.»

«لېكىن مەن ئۆزىنىڭ زادى قاچان ئەڭ ياخشى ئىپادەمنى جارى قىلدۇرغانلىقىم توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن كەسپىي ھاياتىمدىكى ھەر بىر باسقۇچنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مەن پۇتبولغا ئامراق. مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىم توغرىسىدا مەستانىلەرگە سوئال قالدۇراي.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چوڭ رونالدو: ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونادىن ئايرىلىشنى ئويلاشمىغان

1997-يىلى يازدا چوڭ رونالدو 27 مىليون 900 مىڭ ياۋرو باھا بىلەن بارسېلونادىن ئايرىلىپ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلدى.