ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىكرىنىيار 2019-يىللىق سلوۋاكىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 09:17

سلوۋاكىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا مىلان بېكى سىكرىنىيار سلوۋاكىيەنىڭ 2019-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان، داليەنلىكلەردىكى خامسىك ئۇدا يەتتە يىل سلوۋاكىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇش نەتىجىسىگە يېتەلمىگەن.

خامسىك ئۆتكەن ئالتە يىلدا (2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە) ئىزچىل سلوۋاكىيەنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ كەلگەن، لېكىن بۇ قېتىم سىكرىنىيار خامسىكنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، نېۋكاستلدىكى قاپقىچى دۇبراۋك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، خامسىك ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، خامسىكنىڭ بۇ رەت تەرتىپى كۆپلىەەن مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناپولى توپچىسى لوبوتكا تۆتىنچى ئورۇندا، پارما توپچىسى كۇسكا بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان.

خامسىك بۇلتۇر قىشتا ناپولىدىن ئايرىلىپ داليەنلىكلەرگە قوشۇلغان، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە داليەنلىكلەرگە ۋاكالىتەن 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزدى ھەمدە بىر ياردەمچى پاس چىقاردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有