ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارسېلونا «ۋاقىتلىق ئىشسىزلىق ماددىلىرى»نى يولغا قويۇپ توپچىلارنىڭ مائاشىنى %70 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:06

يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پۇتبولغا بولغان تەسىرى مۇسابىقە توختىتىشتىن ئىبارەت بۇنداق ئاددىي ئەمەس، يەنە تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋال يەنە داۋاملاشسا بارسېلونادىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كۇلۇب (يىللىق كىرىمى بىر مىليارد ياۋروغا يېتىدۇ)، ئۇلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆپ خىل كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل لايىھە بولسا توپچىلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىش.
كىرىزىس ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ زەردار كۇلۇبلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، كوماندىنىڭ مۇسابىقە بېلەت كىرىمى يوق، ئورگان دۇكانلىرىمۇ تاقالدى، تېلېۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش كىرىمىمۇ يوق، ھەرقايسى كۇلۇبلار ھازىر ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بارسېلونا دەل شۇلارنىڭ بىرى. بارسېلونا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا ئېغىر مائاش يۈكى. پەقەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈنلا، بارسېلونانىڭ تارقىتىدىغان بىر يىللىق ئىش ھەققى چىقىمى 600 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى كوماندىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى، توپچىلارنىڭ ئىش ھەققى %70 تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن مۇكاپات ماددىلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.


ھازىر ئىسپانىيە جىددىي ھالەتكە كىردى، بۇ خىل ئەھۋال 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بارسېلونا كۇلۇبى «ۋاقىتلىق ئىشسىزلىق ماددىلىرى»نى يولغا قويۇپ، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مائاشىنى %70 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. جىددىي ھالەت ئاخىرلاشقاندا، توپچىلار مەشىققە قاتناشقاندىن كېيىن، بارسېلونا يەنە بارلىق توپچىلارنىڭ مائاشىنى تولۇق بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارتومېئۇ ھەر خىل تۈرلەر بويىچە توپچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالدا، ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنىڭ توپچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇ يەنە مېسسى، پىك، بۇسكوس ۋە روبېرتو قاتارلىق كۇلۇب بىرىنچى كوماندىسىنىڭ تۆت نەپەر كاپىتانى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان، كاپىتانلارمۇ كۇلۇبنىڭ مەقسىتىنى بارلىق كوماندا ئەزالىرىغا يەتكۈزگەن.

ئەمما ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا توپچىلىرى كۇلۇبنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مائاش تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى رەت قىلىۋەتكەن، توپچىلار كۇلۇبنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىچە كۇلۇبنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مائاش تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىكەن، توپچىلار يەنە ۋاستىچىلار ۋە ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئالىدىكەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس ئىكەن.
بىراق بارسېلونا كۇلۇبى ئەمدى چوقۇم ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە تۈرلۈك چىقىملارنى تېجەيدىكەن، بۇمۇ توپچىلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋال ئاستىدا بارسېلونا ھەتتا توپچىلارنىڭ مائاشىنى بېرىشنى توختىتىپ، ھەر ئايدا 2000 ياۋرودىن ئاشمايدىغان ئىشسىزلىق پۇلى ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بارسېلونا «ۋاقىتلىق ئىشسىزلىق ماددىلىرى»نى يولغا قويۇپ توپچىلارنىڭ مائاشىنى %70 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى

يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پۇتبولغا بولغان تەسىرى مۇسابىقە توختىتىشتىن ئىبارەت بۇنداق ئاددىي ئەمەس، يەنە تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.