ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو ۋۇ لېينىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرىنى ئۇلاپ تارقاتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-27 09:03

يېقىندا يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىدا ۋۇ لېيغا ئەگىشىپلا قالماستىن بەلكى يەنە مىكرو بىلوگدا ۋۇ لېي بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋۇ لېيغا بەخت تىلىگەن.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورى ئارقىلىق ۋۇ لېينىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ۋۇ لېي شۇ كۈنى كەچتىلا مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ يېشىل چىملىققا قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ كرىستىيانو رونالدو ۋۇ لېينىڭ بۇ ئۇچۇرىنى ئۇلاپ تارقاتقان ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ، غەيرەت قىل دوستۇم دەپ يازغان ھەمدە خەنزۇچە پىنيىن نۇسخىسىدىمۇ غەيرەت قىل دېگەن گەپنىمۇ قوشۇپ يازغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن كوبى رادىيو ئىستانىسسىنىڭ مۇخبىرى ۋۇ لېينىڭ سالامەتلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەنلىكى، تۈنۈگۈنكى ۋىرۇسقا قارشى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپى چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان ھەمدە تېببىي بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمدى كۇلۇبنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساقايغاندىن كېيىنكى 15 كۈنلۈك ئايرىلىپ تۇرۇش ۋاقتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ۋۇ لېي گۇرۇپپىسىدىكىلەر يازما يوللاپ، بۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ بارلىق خەۋەرلەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بېكىتىشتە ئورگان تورى خەۋىرىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو ۋۇ لېينىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرىنى ئۇلاپ تارقاتتى

يېقىندا يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىدا ۋۇ لېيغا ئەگىشىپلا قالماستىن بەلكى يەنە مىكرو بىلوگدا ۋۇ لېي بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋۇ لېيغا بەخت تىلىگەن.