ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇم تەسىرىدە بارسېلونانىڭ زىيىنى چوڭ، خانلىق مادرىد بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن كۆپ ياخشى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-27 09:20

يۇقۇم ئەھۋالى ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ كۇلۇبلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، بارسېلونا دەل شۇلارنىڭ بىرى. ھازىر بارسېلونانىڭ مۇسابىقە بېلەت كىرىمى ۋە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش كىرىمى يوق، كۇلۇبنىڭ ساياھەت تۈرى (نوكەمپو توپ مەيدانى، بارسېلونا مۇزېيى)مۇ توختىدى، يەنە كېلىپ كۇلۇبنىڭ ئورگان تورى دۇكانلىرىمۇ تاقالدى.

ئىسپانىيە «ئېفى ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسلىدە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشى بارسېلوناغا بىر يىلدا 63 مىليون ياۋرو كىرىم ئەكەلگەن، ھازىر بۇ جەھەتتە غايەت زور زىيانغا ئۇچرىغان، ئەڭ ئاخىرقى زىيان سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس ئىكەن.

2018-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، بارسېلونا كۇلۇبى ئۆزلىرى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان، ئالدىنقى 16 يىلدا، بۇ جەھەتتىكى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى نايك شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەن ئىدى. تاۋار ماركا ئوبرازىنى قوغداش، ئىجادىي كىرىم قىلىش ئۈچۈن، بارسېلونا شىركەتتىن بىرنى تىزىمغا ئالدۇرغان، يەنە بارسېلونانىڭ سودا چوڭ كوچىسىدا ۋە بىر نەچچە مەيداندا ئالتە مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، 330 نەپەر خىزمەتچىنى ياللاپ ئىشلەتكەن. بارسېلونادىن باشقا يەنە 11 مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، 328 ھوقۇق بېرىلگەن دۇكان بار بولۇپ، 7000 خىلدىن ئارتۇق بارسېلونا ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلار سېتىلىپ كەلگەن.


ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى بۇ بۆلەككە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۇكانلار تاقالدى. ھازىر يۇقۇم ئەھۋالى قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەزمۇ قىلالمايدۇ، شۇڭا بارسېلونا زادى قانچىلىك زىيان تارتىدۇ؟ ستاتىستىكا قىلىشمۇ تەس.

كۆپ تەرەپلىك كىرىمنىڭ زىيىنى بارسېلونانىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تىجارەت تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىش ھەققىلا 600 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ. ھازىر كۇلۇب كوماندىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كوللېكتىپ %70 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا كۇلۇبى ئەسلىدە 800 مىليون ياۋرو قەرز ئېلىپ نوكەمپو توپ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، لېكىن كەلگۈسى كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا، كۇلۇب رەئىسى بارتومېئۇ بۇ خىزمەتنى كېچىكتۈرۈپ، بۇ ۋەزىپىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك كۇلۇب رەئىسىنىڭ تاماملىشىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان،

بارسېلونانىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى زىيىنى بەلكىم 60 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، كۇلۇب تىجارىتى غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ABC گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يەنە بىر چوڭ زەردارى خانلىق مادرىد گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بارسېلوناغا سېلىشتۇرغاندا، تىجارەت ئەھۋالى كۆپ ياخشى ئىكەن، كوماندىسىمۇ بارسېلونادەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان. خانلىق مادرىدنىڭ كىرىمى بارسېلونادىن ئازراق، لېكىن ئۇلارنىڭ چىقىمىمۇ بارسېلوناغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئاز، ئۇنىڭدىن باشقا خانلىق مادرىدنىڭ كىرىزىسقا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.

مالىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ تىجارىتىدىن خاتالىق تېپىش ناھايىتى تەس ئىكەن. فلورېنتىنو خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ تىجارىتىنى، خۇددى خۇسۇسىي كارخانىنى باشقۇرغانغا ئوخشاش باشقۇرۇپ كەلگەن، ئۇ «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ»، ئاللىقاچان كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولغان.

2018-يىلى 7-ئايدا، كرىستىيانو رونالدونى 100 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن يۇۋىنتۇسقا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، فلورېنتىنو بۇنىڭ ئىچىدىكى 46 مىليون 380 مىڭ ياۋرونى بىر فوندقا سەرپ قىلغان، بۇ كۇلۇبنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىنىڭ بىرى. نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا خانلىق مادرىد بۇ مەبلەغنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدىكەن.

خانلىق مادرىدنىڭ سودا تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا سېتىش يوللىرى ناھايىتى كەڭ، بۇمۇ خانلىق مادرىدنى ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىدەك تەسىرگە ئۇچراتمايدىكەن.

بۇلتۇر 9-ئايدا، خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئامانەت پۇلى 155 مىليون ياۋروغا يەتكەن، ھازىر ئازراق ئازايغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۇلۇبنىڭ كرىزىسنى پەسەيتىش ئىقتىدارى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك. خانلىق مادرىد كۇلۇبى مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»گە كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى، ئىش ھەققىنى تارقىتىشنى كېچىكتۈرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇم تەسىرىدە بارسېلونانىڭ زىيىنى چوڭ، خانلىق مادرىد بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن كۆپ ياخشى

يۇقۇم ئەھۋالى ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ كۇلۇبلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، بارسېلونا دەل شۇلارنىڭ بىرى.