ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چېلسى ئاچرافنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 60 مىليون ياۋرو چىقىرىشنى خالايدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-30 09:27

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېلسى بۇ يىل يازدا ئاچرافنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلغاچقا، خانلىق مادرىد تەرەپ بىلەن ماراكەشلىك بۇ توپچىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا سۆھبەتلەشكەن. بۇ توپچى 2018-يىلى يازدا دورتمۇندقا ئىجارىگە بېرىلگەن، شۇنداقلا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ دورتمۇندقا قوشۇلغاندىن ھازىرغىچە 65 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 10 توپ كىرگۈزۈپ 17 ياردەمچى پاس بەرگەن.

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېلسى تەرەپ ماراكەشلىك بۇ توپچىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن خانلىق مادرىدقا 60 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش سوممىسى بەرمەكچى بولغان، لېكىن خانلىق مادرىد تەرەپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشمىغىچە قارار چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاچراف بۇ پەسىللىك گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ قالتىس بولغان توپچىلارنىڭ بىرى، بۇ پەسىل 37 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، يەتتە توپ كىرگۈزۈپ 10 ياردەمچى پاس بېرىپ بولدى. ئاچرافنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىنى ئويلاشقاندا، دورتمۇند بۇ يىل يازدا ئىجارە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۇنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چېلسى ئاچرافنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 60 مىليون ياۋرو چىقىرىشنى خالايدۇ

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېلسى بۇ يىل يازدا ئاچرافنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلغاچقا، خانلىق مادرىد تەرەپ بىلەن ماراكەشلىك بۇ توپچىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا سۆھبەتلەشكەن.