ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خانلىق جەمئىيەت ئودېگاردنى يەنە بىر پەسىل ئىجارىگە ئالماقچى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-30 09:31

«ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئودېگاردنىڭ خانلىق جەمئىيەتتىكى كەلگۈسى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، چۈنكى زىدانى بۇ يىل يازدا ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى. خانلىق مادرىد بىلەن خانلىق جەمئىيەتنىڭ ئاغزاكى كېلىشمىغا ئاساسلانغاندا، خانلىق جەمئىيەت ئودېگاردنى ئىككى پەسىل ئىجارىگە ئالغان، لېكىن خانلىق مادرىد تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىجارە ۋاقتى بىر يىللا بولىدىغان بولۇپ، زىدانى بۇ يىل يازدا ئۇنى كوماندىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى. يۇقۇم ھەممە كۇلۇبقا تەسىر كۆرسەتكەچكە، خانلىق مادرىد بۇ يىل يازدا ئودېگارنى قايتۇرۇپ كەلسە ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمەيدۇ، لېكىن خانلىق جەمئىيەت ترېنېرى ئۇنى يەنە بىر پەسىل ئېلىپ قالماقچى، شۇڭا ئەھۋال مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن، خانلىق مادرىد بۇ يىل يازدا توپچى قوشۇۋېلىشقا مەبلەغ ئاجراتمايدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ پەسىل ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان ئودېگاردنى مەددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كەلمەكچى. بىراق ئىككى كۇلۇبنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، خانلىق جەمئىيەت ئودېگاردنى يەنە بىر پەسىل تۇتۇپ قېلىشقا ئىشىنىدىكەن، چۈنكى فىلورېنتىنو ئودېگاردنى ئىككى پەسىل ئىجارىگە بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئودېگارد خانلىق جەمئىيەتنىڭ كېلەر پەسىللىك پىلانىدىكى ئاساسلىق توپچى بولغاچقا، بۇ توپچىمۇ شەھەر مەركىزىگە كۆچۈپ كەلگەن.

ئەڭ مۇھىمى، ئودېگاردمۇ خانلىق جەمئىيەتتە يەنە بىر پەسىل توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ مۇقىم بولغان مەيدانغا چىقىشپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، خانلىق مادرىدقا قايتقاندىن كېيىن ئاساسلىق ئەزا بولماقچى، ئەگەر بۇ يىل يازدا خانلىق مادرىدقا قايتسا، ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر خانلىق مادرىد ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كەتسە، خانلىق جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىجارە ۋاقتىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ قاچاق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خانلىق جەمئىيەت ئودېگاردنى يەنە بىر پەسىل ئىجارىگە ئالماقچى

«ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئودېگاردنىڭ خانلىق جەمئىيەتتىكى كەلگۈسى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان