ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېناتىيا: رونالدو ئىلگىرى مېنى كېچە سائەت 11دە چېنىقىشقا چاقىرغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 16:58

يېقىندا، قاتار بىرلەشمىسىدىكى دۇھايلدا توپ تېپىۋاتقان ماراكەشلىك پۇتبولچى بېناتىيا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كرىستىيانو رونالدو ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ كرىستىيانو رونالدونىڭ ئۆزىنى ئىلگىرى كېچە سائەت 11دە چېنىقىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېناتىيا بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن، كرىستىيانو رونالدو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئۇ RMCنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئاتلانتا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى، بىز زاپاس ئەزا ئورنىدا ئولتۇرۇپ مەيدانغا چىقمىغان، چۈنكى ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھىم مۇسابىقىمىز بار ئىدى، شۇڭا ترېنېر بىزنى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چۈشۈرمەكچى بولغان. بىز ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن كرىستىيانو رونالدو ماڭا ئۇچۇر يوللاپ ھازىر نېمىش قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا <ھازىر كېچە سائەت 11 بولدى، ئۆيگە قايتىمەن، بۇرادەر نېمىش قىلماقچى ئىدىڭ، بۇنى سوراپ قاپسەنغۇ؟> دەپ جاۋاب قايتۇردۇم.»

ئارقىدىن، بېناتىيا كرىستىيانو رونالدو قايتۇرغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، كرىستىيانو رونالدو ئۇنىڭغا مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشمىگەچكە كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بىرەرسى بىلەن بىرگە مەشىق قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېناتىيا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەن ئاشۇ ۋاقىتتا كرىستىيانو رونالدونىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغاندا ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيسىز، چۈنكى سىز ئۇنىڭ پۇتبولغا پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有