ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانچىلوتتى، مورىنھو ۋە ئىبراھىموۋىچلار باھالاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:01

يېقىندا ئانچىلوتتى، ئىبراھىموۋىچ، مورىنھولار ئىسپانىيە تاراتقۇسى ماركا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىققان، مورىنھونىڭ باھالاپ چىققان سەپ شەكلى ئىچىدە پەقەت بىر نەپەر خەلقئارا مىلان توپچىسى بار ئىكەن.

ئانچىلوتتىنىڭ باھالىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ئىچىدە، ھەممىسى ئۇ يېتەكچىلىك قىلىپ باققان توپچىلاردىن تۈزۈلگەن، ئانچىلوتتى ترېنېرلىق ھاياتىدا، خانلىق مادرىد، بايرېن مىيۇنخېن، ناپولى، AC مىلان ۋە ھازىرقى ئېۋېرتون كوماندىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، بۇففون، كافۇ، مالدىنى، پىرلو، كاكا، ئىبراھىموۋىچ، شېۋچېنكو قاتارلىق توپچىلار ئانچىلوتتىنىڭ سەپ شەكلىگە تاللانغان، AC مىلان كوماندىسىنىڭ سابىق بېكى تياگو سىلۋا بىلەن يۇۋېنتۇس توپچىسى زىدانىمۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان، ئىبراھىموۋىچنىڭ تاللىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ئاساسەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەپداشلىرىدىن تەشكىللەنگەن، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىغا ئۇ ئۆزىنى قويغان، گەرچە خەلقئارا مىلان كوماندىسى مورىنھونىڭ يېتەكچىلىكىدە 2010-يىلى ئۈچ شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاللىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ئىچىگە خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن پەقەت زانېتتى بىرلا ماھىر كىرگۈزۈلگەن.


ئانچىلوتتىنىڭ تاللىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: بۇففون

بېكلار: كافۇ، تياگو سىلۋا، تېررى، مالدىنى

ئوتتۇرا مەيدان: پىرلو، زىدانى، لامپارد، كاكا

ھۇجۇمچىلار: ئىبراھىموۋىچ، شېۋچېنكو



ئىبراھىموۋىچنىڭ تاللىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: بۇففون

بېكلار: ماكسۋېل، تياگو سىلۋا، نېستا، تۇرام

ئوتتۇرا مەيدان: ۋىئېرا، شاۋى، نېدۋېد

ھۇجۇمچىلار: مېسسى، ئىبراھىموۋىچ، رونالدىنھو



مورىنھونىڭ تاللىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: چېخ

بېكلار: زانېتتى، تياگو سىلۋا، كاناۋارو، گاللاس

ئوتتۇرا مەيدان: ماكلېلې، لامپارد، خازارد

ھۇجۇمچىلار: دېروگبا، كرىستىيانو رونالدو



ئانچىلوتتى تاللىغان سەپ شەكلى ئىچىدە بايرېن مىيۇنخېن، ناپولى ۋە ھازىرقى ئېۋېرتون كوماندىلىرىدىن بىرمۇ ماھىر تاللانمىغان، ئىبراھىموۋىچنىڭ تاللىغان سەپ شەكلىگە مانچېستېر بىرلەشمىسى، لوس ئانژېلېس سامانيولى، AC مىلان كوماندىلىرىدىن بىرمۇ ماھىر تاللانمىغان، مورىنھونىڭ تاللىغان سەپ شەكلىگە بولسا مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە توتتېنھام كوماندىلىرىدىن بىرمۇ ماھىر تاللانمىغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانچىلوتتى، مورىنھو ۋە ئىبراھىموۋىچلار باھالاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

يېقىندا ئانچىلوتتى، ئىبراھىموۋىچ، مورىنھولار ئىسپانىيە تاراتقۇسى ماركا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىققان، مورىنھونىڭ باھالاپ چىققان سەپ شەكلى ئىچىدە پەقەت بىر نەپەر خەلقئارا مىلان توپچىسى بار ئىكەن.