ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فوربېس: رونالدو پۇتبول ساھەسىدىكى كىرىمى بىر مىلياردتىن ئاشقان تۇنجى توپچىغا ئايلىنىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 17:09

فوربېسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كىرىمى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنالايدىكەن.

يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىق كوماندا ئەزالىرىنىڭ مائاش تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، فوربېسنىڭ بىلدۈرىشىچە، رونالدونىڭ بۇنىڭ ئىچىدە تۆت مىليون 240 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى ئازىيىپ كېتىدىكەن.

رونالدونىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئومۇمى كىرىمى 109 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 65 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولسا مائاش بىلەن مۇكاپاتتىن كەلگەن، مائاش ۋە مۇكاپات سوممىسى رەت تەرتىپىدە پۇتبول ساھەسىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئومۇمى كىرىم جەھەتتە دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بىر تۇتاش تۆۋەنلىتىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئويلاشقاندا، بارلىق توپچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى %30 تۆۋەنلىشى مۇمكىن. رونالدومۇ مائاش ۋە مۇكاپاتنى قوشقاندا 46 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 46 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماركا ۋە مەھسۇلات كىرىمىنى قوشقاندا، رونالدو جەمئىي 91 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلالايدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات يەر شارى بويىچە تەنتەربىيە ساھەسىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەيدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ بويىچە مۆلچەرلىگەندە، كرىستىيانو رونالدومۇ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گولف توپ تەنھەرىكەتچىسى تايگېر ۋودس (2009-يىلى كىرىمىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرغان)، بوكس شاھى مايۋەزېردىن (2017-يىلى كىرىمىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرغان) كېيىنكى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئۈچىنچى بولۇپ ئومۇمى كىرىمى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا كرىستىيانو رونالدو يەنە پۇتبول ساھەسىدىكى تۇنجى بولۇپ ئومۇمى كىرىمى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان پۇتبولچىغا ئايلىنىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فوربېس: رونالدو پۇتبول ساھەسىدىكى كىرىمى بىر مىلياردتىن ئاشقان تۇنجى توپچىغا ئايلىنىدۇ

فوربېسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كىرىمى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنالايدىكەن.