ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كاسانو: مارادونا 4~5 يىللا ھۆكۈم سۈرگەن، مېسسى بولسا 15 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 21:41

ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ھۇجۇمچىسى كاسانو، يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا بىۋاستە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، مېسسى مارادونادىن كۈچلۈك بولۇپ، چۈنكى مېسسى ئۆتكەن 15 يىلدا باشتىن-ئاخىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يۇقىرى سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلگەن. كاسانو ئىتالىيە تاراتقۇسى «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

«مارادونا ئەينى يىللىرى ھەقىقەتەن دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن، بىراق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پەقەت تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە داۋاملاشتى، مېسسى ئۆتكەن 15 يىلدا ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مېسسى 710 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، ئۇنىڭدىن سىرت 300 قېتىم ياردەم پاس بەردى، ئۇ مەيدانغا چۈشكەن مۇسابىقىدە، ئۇنىڭ كوماندىسى مەيدان نەتىجىسىدە بىر توپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بولدى دەپ ھېسابلىساق بولىدۇ.»

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن مېسسى، كەسپىي ھاياتى باشلىنىپ ھازىرغىچە، بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 718 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 627 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 261 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، كوماندىغا باشلامچى بولۇپ، تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 10 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، ئالتە قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، سەككىز قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسى يەنە ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 138 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 70 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 45 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، شەخسى شان-شەرەپ جەھەتتە، مېسسى ئالتە قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كاسانو: مارادونا 4~5 يىللا ھۆكۈم سۈرگەن، مېسسى بولسا 15 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن مېسسى، كەسپىي ھاياتى باشلىنىپ ھازىرغىچە، بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 718 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 627 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 261 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن،