ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

مەنبەسى:نۇر تو رى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 17:11

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «BBC» يېقىندا مەستانىلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىققان، نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان لىۋېرپول كوماندىسىدىن يەتتە نەپەر ماھىر بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئاران بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان مانچېستېر بىرلەشمىسى يېڭىدىن قوشۇۋالغان برۇنو فېرناندېسمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.


ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: ئالىسسون (لىۋېرپول)

بېكلار: ئارنولد (لىۋېرپول)، ۋاندىك (لىۋېرپول)، سويۇنچۇ (لېيچېستېر شەھىرى)، روبېرتسون (لىۋېرپول)

ئوتتۇرا مەيدان: دېبرۇينى (مانچېستېر شەھىرى)، ھېندېرسون (لىۋېرپول)، برۇنو فېرناندېس (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

ھۇجۇمچىلار: سالاھ (لىۋېرپول)، ئاگۈيرو (مانچېستېر شەھىرى)، مانې (لىۋېرپول)


بۇ قېتىمقى مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى مەستانىلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق باھالاپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 433 سەپ شەكلى ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن، برۇنو فېرناندېسنىڭ بۇ سەپ شەكلىگە تاللىنىشى ئاز بولمىغان مەستانىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوتتۇرا مەيدان ماھىر نامزاتلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن برۇنو فېرناندېس ئاخىرىدا يەنىلا ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «BBC» يېقىندا مەستانىلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىققان،