ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا مىلان ئاۋبامېياڭنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىكاردىنى ئارسېنالغا تەۋسىيە قىلماقچى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 17:25

«تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا مىلاننىڭ تەنتەربىيە نازارەتچىسى ماروتا ئىكاردىنى ئارسېنالغا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاۋبامېياڭنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر لاۋتارو كوماندىدىن ئايرىلسا، خەلقئارا مىلان لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىدىكى ۋېرنىېرنى قوشۇۋېلىدىكەن، لېكىن خەلقئارا مىلان ئاۋبامېياڭنىمۇ قوشۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر پارىژ سانت گېرمان ئىكاردىنى سېتىۋالمىسا، ماروتا ئىكاردىنى ئارسېنالغا تەۋسىيە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاۋبامېياڭنى قوشۇۋالماقچى.

بۇنىڭدىن باشقا، سانچېز بۇ يىل يازدا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىدۇ، شۇڭا خەلقئارا مىلان ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بۇ يىل يازدا توختام ۋاقتى ئاخىرلىشىدىغان مېرتېنسنى قوشۇۋالماقچى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا مىلان ئاۋبامېياڭنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىكاردىنى ئارسېنالغا تەۋسىيە قىلماقچى

«تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا مىلاننىڭ تەنتەربىيە نازارەتچىسى ماروتا ئىكاردىنى ئارسېنالغا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاۋبامېياڭنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.