ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارسېلونا ياش توپچىسى توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلىپ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-09 13:26

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارسېلونا ياشلار كوماندىسىدىكى ياش توپچى مارك يۇرادو توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ پات يېقىندا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ياشلار كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ.

يۇرادو بۇ يىل 16 ياش بولۇپ، مەيداندىكى ئورنى بېك. ئۇ بارسېلونا بىلەن خېلى بىر مەزگىل سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەپتە توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ توققۇز يىللىق بارسېلونا توپچىسى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارسېلونا توختام ئۇزارتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا B كوماندىدىكى غوللۇق ئەزاغا ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا رەت قىلغان ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇۋېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.

بارسېلونا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە فاتى ۋە مورىبا قاتارلىق ياش توپچىلار بىلەن توختام ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى كوماندىدا قالدۇرۇپ قالغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىم يۇرادونى ئېلىپ قالالمىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有