ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىئون ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئۇدا 14 پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 17:26

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى فرانسىيە ئاياللار ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى لىئون ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ لىئون ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۇدا 14 مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ!

بۇنىڭدىن بۇرۇن، لىئون ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى فرانسىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا قارار چىقارمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن، لىئون ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 16 ئايلانما مۇسابىقىدە 14 قېتىم ئۇتۇپ ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىن ئۈچ نومۇر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان، شۇڭا بۇ ئىككى كوماندا كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاياللار ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有