ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىغا يەنە 500 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 17:38

ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كاپىتانى مېسسى ئارگېنتىنادىكى Garrahan فوندى جەمئىيىتىگە 500 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ پۇللار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىنىدىغان داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىنىدىكەن.

Garrahan فوندى جەمئىيىتى بۇ ئىئانە پۇلى ئارقىلىق ئارگېنتىنادىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا داۋالاش ئۈسكۈنىسى يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، كۆپ پارامېتىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى، سۇيۇقلۇق يوللاش پومپىسى ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بار ئىكەن، يەنە يۇقىرى چاستوتىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە كەسپىي قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرى توشۇش باسقۇچىدا ئىكەن.

بۇ مېسسىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئىككىنچى قېتىم پۇل ئىئانە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارسېلونادىكى دوختۇرخانىغا ۋە يۇرتىدىكى داۋالاش مەركىزىگە بىر مىليون ياۋرو ئىئانە قىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有