ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانى پۈتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 09:53

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيى پۈتۈپ قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، پات ئارىدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرىلىدىكەن. ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدىغان 12 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى «ئالۋاستى ساھىبخان مەيدان» پات ئارىدا مۇسابىقە كۈتۈۋېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

بىرلەشمىدىكى زەردار كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ كوماندىسى 2017-يىلى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن دىيارىمىزدىكى كەڭ ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شۇنداقلا كوماندا قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قېتىم چېمپىيون بولۇش، بەش قېتىم ئىككىنچى بولۇشتەك نەتىجىنى ياراتتى.

شىنجاڭ كوماندىسى ئەزەلدىن بىرلەشمىدىكى «باي كوماندا» ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ھەر جەھەتتە ئىزچىل زور مەبلەغ سېلىشتىن قورقمايدۇ. ھازىرقىدەك بۇ پەسىللىك كېيىنكى باسقۇچتىكى مۇسابىقىلەرنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىشى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، شىنجاڭ كوماندىسى يېڭى ساھىبخان مەيدانى پۈتۈپ، يېڭىچە قىياپەتتىكى، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ساھىبخان مەيدان نامايان بولدى.

ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانى بولغان ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيى مەيدان قۇرۇلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تولۇق پۈتۈن ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدىكەن، شۇنداقلا ئېلىمىز ۋاسكېتبول ساھەسىدە NBA دەرىجىسىدىكى مۇسابىقە مەيدانىغا ئايلانىدىكەن.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيى بولسا ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ، بۇلار تەنتەربىيە مەيدانى (ئۈستى ئوچۇق پۇتبول مەيدانى، 30 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ)، تەنتەربىيە سارىيى (پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى ۋاسكېتبول مەيدانى، 12 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ)، سۇ ئۈزۈش سارىيى (3000 تاماشىبىن سىغىدۇ)، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتكا زالى (2000 ئادەم سىغىدۇ)، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، تەنھەرىكەتچىلەر مېھمانخانىسى (576 كارىۋات ئورۇنلاشتۇرۇلغان)، تەنتەربىيە باغچىسى ۋە باشقا يۈرۈشلىك ئەسلىھەلەر تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيى كەلگۈسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانىغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، داۋاملىق كىشىلەرگە دىيارىمىز ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، 12 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان بۇ يېڭى مەيدان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش سەپىرىدىكى يېڭىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغۇسى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانى پۈتتى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى ساھىبخان مەيدانى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيى پۈتۈپ قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، پات ئارىدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرىلىدىكەن.