ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رونالدو ئېنگىلاندقا قايتامدۇ؟ چېلسى 120 مىليون ياۋرو باھا قويدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 16:56

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا چېلسىنىڭ سەپ شەكلى بۇرۇنقىدەك قالتىس بولماي قالدى، خازارد كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كوماندىدا ھەتتا بىرەر دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپانمۇ قالمىدى. بۇ خىل ئەھۋال كوماندىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇڭا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى بىرەر دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپاننى قوشۇۋېلىپ كوماندىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش كېرەك دەپ قارىدى. بۇنداق بولغاندا چېلسى يەنە بىر قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. شۇڭا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر تورنى كەڭ يېيىپ يۇۋېنتۇسنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدونى كوماندىغا قېتىۋېلىشنى پىلانلىدى.

يېقىنقى «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېلسىنىڭ خوجايىنى ئابراموۋىچ كرىستىيانو رونالدونى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ كرىستىيانو رونالدونىڭ چېلسىغا قوشۇلۇپ كوماندىنىڭ سەپ شەكلىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابراموۋىچ چېلسىدا كرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپاندىن بىرى كەمچىل، ئەگەر كرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاش توپچىلار كوماندىدا بولغان بولسا، كوماندىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى ئېلىشى ئاسانلىشاتتى دەپ قارايدىكەن.

ئابراموۋىچ بۇ قېتىم ئىنتايىن ئەستايىدىل بولغان بولۇپ، يۇۋېنتۇسقا كرىستىيانو رونالدونى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 120 مىليون ياۋرو باھا قويدى. نېمىلا دېگەن بىلەن 35 ياشتىن ئاشقان توپچىغا نىسبەتەن 120 مىليون ياۋرو ناھايىتى يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇۋېنتۇس يەنىلا ئابراموۋىچنىڭ بۇ باھاسىغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىغا قالدۇرغان قىممىتىنى بۇ 120 مىليون ياۋرو بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ دەپ قارىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئابراموۋىچ ھەقىقەتەن قاراملىق قىلدى، ھازىر ئۇ كرىستىيانو رونالدودەك بۇنداق گىگانت چولپانغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ھازىرقى چېلسىدا ھەقىقەتەن كرىستىيانو رونالدودەك مۇشۇنداق داھىي مىجەزلىك بىر توپچى كەمچىل، خازارد كەتكەندىن كېيىن، چېلسىنىڭ ئالدىنقى مەيدانىدا مۇتلەق يادرو يوق، ئەگەر بىر پۇتبول كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇنداقتا كوماندىدا كىرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاش پۇتبول چولپىنى بولسا بۇ ئارزۇ تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

كرىستىيانو رونالدونىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ كېلىشى نۇرغۇن مەستانىلەر ئارزۇيىدىكىدەك ئىش، بىراق كۆپ قىسىم مەستانىلەر كرىستىيانو رونالدونىڭ چېلسىغا ئەمەس بەلكى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئابراموۋىچ يۇۋېنتۇس بىلەن كرىستىيانو رونالدونى قايىل قىلالامدۇ ياكى قىلالمامدۇ بۇ تېخى نامەلۇم. بىراق، ئەگەر كرىستىيانو رونالدو راستتىنلا يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىپ چېلسىغا قوشۇلسا، ئۇنداقتا مانچېستېر بىرلەشمىسى توپ مەستانىلىرى چوقۇم ئازابلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن كرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ كوزىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ چېلسىغا قوشۇلسا، بەلكىم مانچېستېر بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنىڭ رونالدوغا ئاز تولا پىكىرى چىقىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رونالدو ئېنگىلاندقا قايتامدۇ؟ چېلسى 120 مىليون ياۋرو باھا قويدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا چېلسىنىڭ سەپ شەكلى بۇرۇنقىدەك قالتىس بولماي قالدى، خازارد كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كوماندىدا ھەتتا بىرەر دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپانمۇ قالمىدى. بۇ خىل ئەھۋال كوماندىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.