ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىز ناھايىتى مۇنەۋۋەر، لېكىن دۆلەت كوماندىسى سىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 11:06

دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر توپچىلار دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس. بۈگۈن بىز ئەمەلىي ئىقتىدارى يۇقىرى، لېكىن دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان توپچىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.


«يالغۇز بۆرە» رومارىئو، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئىناقسىزلىق ئامىلى

بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقى ھەتتا دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا «يالغۇز بۆرە» رومارىئو رونالدو، پېلې، مارادونالار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرسا بولاتتى. لېكىن ئۇ بەك ھاكاۋۇر بولغاچقا باش ترېنېر تەرىپىدىن كوماندىدىن ھەيدەش گىردابىغا بېرىپ قالغان. گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە رومارىئونىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولسىمۇ، كرۇيىف ۋە سكولارى قاتارلىق داڭلىق ترېنېرلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرمايدۇ. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا رومارىئونىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن باش ترېنېر سكولارى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىپ رومارىئونى چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىرازىلىيە چېمپىيون بولدى، سكولارىنىڭ رومارىئودىن ۋاز كېچىشىنى باشقىلار «پېشكىنى قۇربان قىلىپ، شاھنى ساقلاپ قالدى» دەپ چۈشەندى. كۆپ يىللار ئۆتۈپ رونالدو كۇلۇبنىڭ خوجايىنى بولغاندا، ئاندىن ئەينى چاغدىكى سكولارىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىكى تۆھپىكاردىن ۋاز كېچىشتىكى جۈرئىتى ۋە تارتقان جاپاسىنى چۈشەندى.


«بېرنابۇ شاھزادىسى» رائۇل، Tiki Taka تاكتىكىسىنىڭ قۇربانى

2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا «ئەقىللىق بوۋاي» ئاراگونېس خانلىق مادرىدنىڭ شاھزادىسى رائۇلدىن ۋاز كەچتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن رائۇل كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ داھىيسى ئىدى. لېكىن بۇ داھىي ئەمدىلىكتە باش ترېنېر سۆزلىگەن Tiki Taka تاكتىكىسىغا ماس كەلمىدى، رائۇل ئاشكارا ھالدا باش ترېنېرنىڭ مەشىق ئۇسۇلىغا قارشى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەڭ ئاخىرىدا باش ترېنېر ئۇنى چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزمىدى. ئاخىرىدا رائۇل بولمىغان ئىسپانىيە كوماندىسى بەش يىلدا ئۈچ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ تارىخ ياراتتى.


رىكېلمې —— توپ كونتىرول قىلىشقا ئېسىلۋېلىپ، مۇداپىئەگە ماھىر بولماسلىق

بۇنىڭدىن بۇرۇن رىكېلمې ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ مارادونا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى بولغاندا رىكېلمې مەبۇدىسىنىڭ تاكتىكا تاختىسىدا ئۆزىنى كۆرەلمىگەن. مارادونانىڭ قارىشىچە رىكېلمې توپنى زىيادە كونتىرول قىلىدۇ، تىركىشىش ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ئىقتىدارى يېتەرسىز، بۇ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان يېتەرسىزلىك. ئەينى يىلى بارسېلونانىڭ باش ترېنېرىمۇ رىكېلمېگە «پائالىيەت دائىرىسىنى 10 مېتىر ئاشۇرۇش، يۈگۈرۈش ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» تەلىپىنى قويغان. ئاخىرىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ يادروسى رىكېلمېدىن مېسسىگە ئۆزگەردى، لېكىن 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا لوڭقىسىدا 24 ياشلىق مېسسى رىكېلمېنىڭ ئىزىنى بېسىش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلالمىدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا 4-0 نەتىجىدە ئۇتتۇرىۋەتتى.


سانې —— ئەگەردە ئۇ بولغان بولسا گېرمانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالامتى؟

2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 22 ياشلىق تالانتلىق توپچى سانې گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىدى. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى توپ كونتىرول قىلىش جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ، لېكىن باشتىن ئاخىر سۈرئىتىگە تايىنىپ قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلايدىغان توپچىنى تاپالمىدى. ئاخىرىدا گېرمانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي، توققۇز نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىسىنى ياراتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىز ناھايىتى مۇنەۋۋەر، لېكىن دۆلەت كوماندىسى سىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس

دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر توپچىلار دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس.