ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

داۋېس بايرېن مىيۇنخېننىڭ 5-ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 09:32

بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، ياش ماھىر داۋېسنىڭ كوماندىنىڭ بەشىنچى ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان، كانادالىق بۇ توپچىنىڭ ئېرىشكەن ئېرىشكەن بېلەت سانى %37نى ئىگىلىگەن بولۇپ، رەت تەرتىپتە %30 بېلەتكە ئېرىشكەن كىممىچ، %14 بېلەتكە ئېرىشكەن توماس مۇللېر، %6 بېلەتكە ئېرىشكەن پاۋارد، ھەم شۇنداقلا %5 بېلەت كە ئېرىشكەن گورېتزكادىن ئېشىپ كەتكەن، بۇمۇ داۋېسنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاي ۋە بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىن كېيىن بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۈچىنچى قېتىم بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بىر نەپەر يان بېك بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋېستا ئەڭ تېز سۈرئەت ۋە چەبدەسلىك بار، ھەر قانداق بىر رەقىب ئۇنىڭغا يۈزلەنگەندە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى قىيىنغا توختايدۇ، مۇداپىئە قىلىشتىن باشقا يەنە داۋېس كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ھۇجۇم قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئۆتكەن ئايدا داۋېس بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، كانادالىق بۇ بېك مۇسابىقىلەردە ئىككى توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بېرىشتەك نەتىجىنى ياراتقان.

يۇقارقىلاردىن باشقا داۋېس يەنە گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بەشىنچى ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر ئوينالغان گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىدە قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرىۋىتىلدى، بايرېن مىيۇنخېن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

داۋېس بايرېن مىيۇنخېننىڭ 5-ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى

بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، ياش ماھىر داۋېسنىڭ كوماندىنىڭ بەشىنچى ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان،