ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 30-ئايلانما: سېۋىللا VS بارسېلونا مۇسابىقىسىگە نەزەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-19 10:45

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى پىزخۇئان توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، سېۋىللا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا سېۋىللا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى 10 قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا كوماندىسى سەككىز مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولۇپ، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە سېۋىللا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان سېۋىللا بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بارسېلونانىڭ پەرقى 13 نومۇر بولۇپ، چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇرسىتى تۈگىگەن سېۋىللا ئۆز ئورنىنى مۇقىم ساقلاشقا تىرىشىدۇ، بارسېلونامۇ نومۇر پەرقىنى چوڭايتىش ئارقىلىق تېزراق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداقتا زادى كىم بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، ئىسپانىيە A دەرىجىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00

مۇسابىقە ئورنى: پىزخۇئان توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1؛ بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندا جەڭ قىلىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ

ئالدىنقى ئايلانما بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە لېگانېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمىدە قايتا باشلانغاندىن بۇيان ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە خانلىق مادرىدتىن ئىككى نومۇر ئۈستۈنلۈكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، بىرلەشمە يەنە توققۇز ئايلانما قالغان مۇشۇنداق مۇھىم پەيتتە، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، گەرچە بارسېلونا ئىككى مەيدان ئۇدا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەيدان ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كوماندىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىغان، كوماندىدا يەنىلا مېسسىغا تايىنىۋىلىش كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا مېھمان مەيداندا سېۋىللا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنتايىن زىچ بولغان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ، 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىغان مېسسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر چارچاش ئالامەتلىرى بولۇشى تەبىئىي، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىدىن باشقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا چوڭ نومۇر پەرقىدە غەلبە قىلغانلىقتىن، روھىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مېھمان مەيداندىكى بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا يەنە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، سېۋىللانى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتالامدۇ؟

سەپ شەكلى جەھەتتە ئۇمتىتى جۇغلانما سېرىق كارتا سەۋەپلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، دېيوڭ بىلەن روبېرتو يارىلىنىش سەۋەپلىك مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، ئالدىنقى ئايلانما مەيدانغا چۈشەلمىگەن ئالبا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.

كۆرۈش نۇقتىسى 2؛ ساھىبخان مەيداندىكى نەتىجىسى ياخشى سېۋىللا، بارسېلونادىن قورقۇپ قالمايدۇ

نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان سېۋىللا، بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى ئىزچىل نامايەن قىلىپ كەلمەكتە، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىد بىلەن بولغان پەرقى خېلىلا چوڭ، چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن، ئۇلارنىڭمۇ نىشانى بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىش، بىرلەشمە ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلەشتى، بۇ مۇسابىقە پەسلى مېھمان مەيداندا چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان سېۋىللا، ساھىبخان مەيداندا غەلىبە ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشنى كۆزلەيدۇ، چۈنكى كوماندىنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى پەقەت ئىككى مەيدانلا مەغلۇبىيەتكە يولۇقتى، بارسېلوناغا زەربە بېرىشتە يېتەرلىك ئىشەنچكە ئىگە، ئۇنداقتا سېۋىللا ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

كۆرۈش نۇقتىسى 3: مېسسى كەسپىي ھاياتىدىكى 700 توپ ئۆتكىلىگە رىقابەت ئېلان قىلىدۇ

ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېسسى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن نۇقتا توپنى ئۆزى تېپىپ كىرگۈزدى، بۇ توپمنۇ مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگەن ئومۇمىي توپ سانىنى 699 توپقا يەتكۈزدى، 700 توپ ئۆتكىلىگە پەقەتلا بىر توپ قالدى، بىرلەشمە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، مېسسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئۇدا توپ كىرگۈزدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى، سېۋىللا كوماندىسىغا توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 700 توپ ئۆتكىلىدىن ئۆتەلەمدۇ؟ بۇمۇ مەستانىلەرنى تەقەززا قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 30-ئايلانما: سېۋىللا VS بارسېلونا مۇسابىقىسىگە نەزەر

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى پىزخۇئان توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ،