ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن خەلقئارا قىممەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 14:31

مېسسىنىڭ پۇتبولچى سالاھىيىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئالتە قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مېسسى، گېزىت مۇقاۋىسى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سانسىز قېتىم مونوپول قىلدى، ئەمما ھەر بىر ئادەمنىڭ مېسسىنى تونۇپ كېتىشى ناتايىن، بولۇپمۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېسسىنى تېخىمۇ شۇنداق، مېسسى نەچچە مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ بالىلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشتى، بالىلار دەل ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى.



يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان مېسسىنىڭ قىلغان ئىككى ياخشى ئىشى، ئۇنى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» ۋە «ئىبېرىكا خەۋەرلىرى گېزىتى» يولغا قويغان «خەلقئارا قىممەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتۈردى، ئالدى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ فوندى ئارقىلىق، بارسېلونادىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانىدا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ بالىلار ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ بىرى بولغان SJD بارسېلونا بالىلار مەركىزىنى ئاچتى. 2017-يىلى 2-ئايدا «Para Los Valientes» پائالىيىتى (كېسەل بالىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى) باشلانغاندىن بۇيان، مېسسى بۇ تۈرگە كېرەكلىك مەبلەغ توپلاپلا قالماي، يەنە پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى.

يالغۇز يۇقارقىلارلا ئەمەس، بۇلتۇر ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئايلىرىدا، مېسسى بارسېلونا ۋە بۇئېنۇس ئايرېستىكى دوختۇرخانىلارغا نۇرغۇن ئىئانە قىلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى دېمەيلا قويايلى. ئافرىقا قىتئەسىدىكى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بالىلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە، ناھايىتى ئېنىقكى مېسسىنىڭ ئۆزىنىڭ فوندى ئارقىلىق قىلغان خىزمەتلىرى ماختاشقا سازاۋەر بولالايدۇ، بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دۇنياۋى تەنتەربىيە چولپىنى بولۇشتەك بىر تەرىپىنىمۇ نامايەن قىلدى، ئەمما ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە يەككە ياكى كوللېكتىپنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۈچۈنلا تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىگە چىقىپ كەلدى.

مېسسى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ، مۇنداق دېدى:

«مەن ئاللىقاچان مېنىڭ غەلىبەم، مېنىڭ چېمپىيونلۇقۇم ۋە پۇتبولچى سالاھىيىتى بىلەن ياراتقان رېكورتلىرىم ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىشقا كۆنۈپ كەتتىم، بۇ دەل مېنىڭ شەخسىي قىممەت قارىشىغا نىسبەتەن تونۇشۇمنىڭ تېخىمۇ ئالاھىدە بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى، (خەلقئارالىق قىممەت مۇكاپاتى)غا ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن خۇشالمەن، راستىنلا ئىنتايىن خوشال.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېسسى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن خەلقئارا قىممەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مېسسىنىڭ پۇتبولچى سالاھىيىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئالتە قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مېسسى، گېزىت مۇقاۋىسى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سانسىز قېتىم مونوپول قىلدى،