ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جامېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-08 15:47

بېيجىڭ ۋاقتى 7-يانۋار يەنى جامېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 18-مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ پەقەت سەككىز مەيدان مۇسابىقىدىلا كۆل ئادىمى كوماندىسنى غەربىي رايوندىكى بىرىنچى ئورۇنغا ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى بۇرۇنقىدەكلا، لېكىن ئۇمۇ تىپ ئۆزگەرتىشنى باشلىدى.

ھالبۇكى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جامېس ناھايىتى روشەن ھالدا تىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، مەيداندىكى يۈگۈرۈش قېتىم سانىمۇ ئىلگىرىكىدەك كۆپ بولمىغان، بىراق ئۇنىڭ گاردىن قايتقان توپ ئېلىشى كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، يەنى ھەر مەيداندىكى ئوتتۇرىچە سانى 8.8گە يېتىپ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ياردەمچى پاس بېرىشى يېقىنقى بەش مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭدىن جامېسنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جازا توپ ئېتىش سانى جەھەتتىمۇ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى.
بۇنىڭدىن جامېسنىڭ شەخسىي ھۇجۇم قىلىش ئىستىكى ۋە گار ئاستىغا بولغان زەربىسىنىڭ خېلىلا ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھۇجۇم كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئېرىشكەن جازا توپ سانىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جامېس ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق جازا توپىغا ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ پەقەت 5.1 جازا توپقا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى دەسلەپكى مۇسابىقە پەسلىدىكىدىنمۇ ئاز.
ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا-يىراق ئارىلىقتىن گارغا توپ ئېتىش ئۇسۇلىنى كۆپەيتتى، كۈچنى تېجەپ، پۇرسەت تۇتۇپ گارغا توپ ئېتىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي قوللىنىپ كەسپىي ھاياتىنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇشقا ئاساس سالدى.
ئىلگىرىكى كوبى بىلەن جوردان ئوخشاشلا شۇنداق ئىدى.
جامېسمۇ شۇنداق، ئۇ بۇرۇنقىدەك جان تىكىپ بۆسۈش ھاسىل قىلمايدىغان، بەلكى ئۆزىنڭ سالامەتلىكىنى ئويلاشقان ھالدا توپ ئوينايدىغان بولدى. بۇمۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاققا داۋاملىشىشىغا پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جامېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى

بېيجىڭ ۋاقتى 7-يانۋار يەنى جامېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 18-مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ پەقەت سەككىز مەيدان مۇسابىقىدىلا كۆل ئادىمى كوماندىسنى غەربىي رايوندىكى بىرىنچى ئورۇنغا ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى بۇرۇنقىدەكلا، لېكىن ئۇمۇ تىپ ئۆزگەرتىشنى باشلىدى.