ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۇرتۇۋا شاھلىق لوڭقىسىدا مەيدانغا چۈشمەيدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-19 14:38

بۇ پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسى 16/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئالكويانو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خانلىق مادرىدنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىدە ئاساسلىق قاپقىچى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان كۇرتۇۋا ئالماشتۇرۇلۇپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 21 ياشلىق ئۇكرائىنالىق قاپقىچىسى لۇنىن خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

كۇرتۇۋا ھازىرغا قەدەر بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرگە تولۇق قاتناشقان بىردىنبىر خانلىق مادرىد توپچىسى، ئۇ كوماندىنىڭ ئالدىنقى 25 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، توپ ئوينىغان ۋاقتى جەمئىي 2250 مىنۇتقا يەتكەن، بۇ 25 مەيدان مۇسابىقىدە كورتۇۋا 26 توپ كەتكۈزۈپ، 51 قېتىم توپ توسۇۋالغان.

خانلىق مادرىد 2018-يىلى 6-ئايدا ئۇكرائىنالىق ياش ۋاراتار لۇنىن بىلەن توختام ئىمزالىغان. ئىككى يىلدىن بۇيان لۇنىن ئىزچىل سىرتقا ئىجارىگە بېرىلگەن. لېكىن ئۇنىڭ مەيدانغا چىققان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا. 19-2018 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ لېگانىسقا ئىجارىگە بېرىلگەن. ئۇ پۈتۈن پەسىلىدە ئاران يەتتە قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 20-2019 مۇسابىقە پەسلىدە ۋاللادولد كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، لۇنىننىڭ ئۇ يەردىكى ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار بولغان بولۇپ، زاپاس ئەزا قاپقىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە پەقەت ئىككى مەيدان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. لۇنىننى تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خانلىق مادرىد مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇنى ئىسپانىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئوۋىيېدو كوماندىسىغا ئىجارىگە بەرگەن. ئۇ يەردە لۇنىن كەسپىي ھاياتىدىكى يېڭى بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇ يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە 20 قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان.

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە زاپاس قاپقىچى ئارېئولانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، لۇنىن خانلىق مادرىدقا قايتىپ كېلىپ كۇرتۇۋانىڭ زاپىسى بولغان. ئالدىنقى يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە كورتۇۋانىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولۇپ، يارىلىنىپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى شاھلىق لوڭقىسىدا زىدانى كۇرتۇۋانى ئالماشتۇرۇپ، ياش قاپقىچى لۇنىنغا مەيدانىغا چۈشۈش پۇرسىتى بېرىشنى قارار قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۇرتۇۋا شاھلىق لوڭقىسىدا مەيدانغا چۈشمەيدۇ

كۇرتۇۋا ھازىرغا قەدەر بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرگە تولۇق قاتناشقان بىردىنبىر خانلىق مادرىد توپچىسى،