ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇلار بۇ قىلمىشىغا بەدەل تۆلەيدۇ، مېسسىنى خاپا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:46

«فىرانسىيە پۇتبولى» ژۇرنىلى مېسسىنىڭ پارىژ سانت گېرمان كىيىمىنى كىيگەن PS سۈرىتىنى مۇقاۋىغا چىقاردى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» چۈشەنچە بېرىپ، بۇ پارىژ سانت گېرمان تەرەپنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن مېسسىغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ۋاسىتىسى، ئۇلار بۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ دەپ قارىدى.

ئىسپانىيە «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى: مېسسىغا بولغان پاراكەندىچىلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك يەنىلا داۋاملاشماقتا. بارسېلونا بىلەن پارىژ سانت گېرماننىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە ئاران بىر ھەپتە ۋاقىت قالدى، لېكىن فىرانسىيە ژورنىلى «فىرانسىيە پۇتبولى» مېسسىنى پارىژ سانت گېرمان كىيىمىگە چىقاردى. يېقىندا نېيمار، پوچېتتىنو، لېئوناردو (پارىژ سانت گىرماننىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى)، پارېدېس، دىمارىيا قاتارلىقلارمۇ تالاش-تارتىش قىلىشتى، بىراق بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدا يەنىلا ئانچە كۆپ داۋالغۇش بولمىدى.

نۆۋەتتە مېسسى بىلەن پارىژ سانت گېرماننىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى ئۇچرىشىشى يوق بولۇپ، پەرىزىمىزدە بۇ يىل يازدىكى يۆتكىلىش كېلىشىمى ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق، شۇنداق بولۇپلا قالماي مېسسىنىڭ قايسى كوماندىغا قوشۇلىشى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمىز مېسسىغا قاتتىق ئازار بەردى، ئۇ ئاللىقاچان بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق قارار چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«فرانسىيە ژۇرنىلى»نىڭ باش بەت مۇقاۋا سۈرىتى بولسا مېسسىغا قارىتىلغان بىر تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇلار مېسسىنىڭ روھىي ھالىتىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولغان، بۇ ئىنتايىن رەزىل ۋاستە، بولۇپمۇ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 شاللاش مۇسابىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىشىىغا نەچچە كۈنمۇ قالمىغان مۇشۇ ۋاقىىتا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ناھايىتى ئەدەپسىزلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھېچقانداق كىشى مېسسىنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ئۇ پەقەت بارسېلونا ئۈچۈن توپ تېپىشكىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، يەنە بىر قېتىم لوڭقا كۆتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇ بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا توپ كىرگۈزۈپ، بارسېلونانى يېتەكلەپ خانلىق بېتىس كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى.

مېسسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك، ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بارسېلوناغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ يەنە شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىشتىن تېخى ۋاز كەچكىنى يوق. ئەلۋەتتە، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چىمپىيونى بولۇشمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئارزۇسى. ئۇلار بۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن قاتتىق بەدەل تۆلەيدۇ، مېسسىنى خاپا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان، مېسسى ھازىر خۇشال ئەمەس، ئۇ ئىنتايىن خاپا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇلار بۇ قىلمىشىغا بەدەل تۆلەيدۇ، مېسسىنى خاپا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان

«فىرانسىيە پۇتبولى» ژۇرنىلى مېسسىنىڭ پارىژ سانت گېرمان كىيىمىنى كىيگەن PS سۈرىتىنى مۇقاۋىغا چىقاردى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» چۈشەنچە بېرىپ، بۇ پارىژ سانت گېرمان تەرەپنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن مېسسىغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ۋاسىتىسى، ئۇلار بۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ دەپ قارىدى.