ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 08:49

تەنتەربىيە گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن تۈزگەن يۇقىرى سوممىلىق توختامىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىك قىلمىشى ئۈستىدىن ئىككى تۈرلۈك دەۋا قىلماقچى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بۇ قېتىمقى دەۋا ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىرى نام ـ شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھەق تەلەپ دەۋاسى؛ يەنە بىرى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغان جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا قارىتىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ئىش سەۋەبلىك مېسسى تېخىمۇ كۆپ ئادۋوكاتلارنى ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلار ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ قىلمىشى ئۈستىدىن دەۋا قىلغاندىن باشقا، يەنە مۇشۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىنمۇ دەۋا قىلماقچى بولغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مېسسىنىڭ 2017-يىلى بارسېلونا بىلەن تۈزگەن يۇقىرى سوممىلىق توختامىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بولۇپ، توختامنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 555 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مېسسى ۋە بارسېلونا تەرەپ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有