ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 08:51

 

يېقىندا گېرمانىيە «يۆتكىلىش بازىرى تورى» نۆۋەتتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان يۆتكىلىش بازىرىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 11 توپچىدىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان. سەپ شەكلىگە تاللانغان توپچىلارنىڭ ئىچىدە پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى مباپپېنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدىكى باھاسى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، لىۋېرپولدىن ئۈچ نەپەر توپچى بۇ تىزىملىككە تاللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇمچىسى فېلىكس سەپ شەكلىدىكى ئالدى بەل ئورنىغا قويۇلغان.

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قىممەت 11 توپچىدىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: ئوبلاك (مادرىد ئاتلېتكا، 90 مىليون ياۋرو)؛

بېك: ئالفانسو (بايرېن مىيۇنخېن، 75 مىليون ياۋرو)، دېلىگت (يۇۋېنتۇس، 75 مىليون ياۋرو)، ۋاندىك (لىۋېرپول، 80 مىليون ياۋرو)، ئارنولد (لىۋېرپول، 110 مىليون ياۋرو)؛

ئوتتۇرا مەيدان: دېبرۇينې (مانچېستېر شەھىرى، 120 مىليون ياۋرو)، كىممىچ (بايرېن مىيۇنخېن، 90 مىليون ياۋرو)، فېلىكس (مادرىد ئاتلېتكا، 100 مىليون ياۋرو)؛

ھۇجۇمچى: نېيمار (پارىژ سانت گېرمان، 128 مىليون ياۋرو)، مباپپې (پارىژ سانت گېرمان، 180 مىليون ياۋرو)، سالاھ (لىۋېرپول، 120 مىليون ياۋرو)؛

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى

يېقىندا گېرمانىيە «يۆتكىلىش بازىرى تورى» نۆۋەتتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان يۆتكىلىش بازىرىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 11 توپچىدىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان.