ئەگەر بارسېلونا خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى كەيسە ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىدىغان بولسا مۇشۇنداق قىلىشقا قوشۇلامسىز؟
يېقىندا سۈرەتكە ئېلىنغان بىر پىروگراممىدا، مۇخبىر بارسېلونانىڭ ئۈچ نەپەر رەئىس نامزاتىدىن: «ئەگەر بارسېلونا خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى كەيسە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدىغان بولسا مۇشۇنداق قىلىشقا قوشۇلامسىز؟» دەپ سۇئال سورىغان.
بۇ سۇئالغا لاپورتا بىلەن فرېشيا بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان، شۇنداقلا مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە بىر نامزات فونت خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى قوبۇل قىلغان. فونتنىڭ قىلمىشى كۆپ ساندىكى بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنداقلا ئۆزى مەستانە كوماندا توپچىلىرىنىڭ خانلىق مادرىدنىڭ كىيىمىنى كىيىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.