ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مادرىد ئاتلېتكا ئۇتتۇرۇپ ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى، بارسېلونا گرانادانى يەڭسە بىرىنچى ئورۇنغا چىقىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-26 10:29

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد ئاتلېتكا ئويلىمىغان يەردىن مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، نۆۋەتتە ئۇلار يەنىلا بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان بارسېلونادىن پەقەت ئىككى نومۇرلا ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 33 ئايلانمىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مادرىد ئاتلېتكا 73 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجىسى بىلەن داۋاملىق بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، خانلىق مادرىد 71 نومۇرغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، يېڭىلا ئاخىرلاشقان بۇ ئايلانمىدىكى مۇسابىقىدە ۋىللارېئالنى مەغلۇپ قىلغان بارسېلونامۇ ئوخشاش 71 نومۇرغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، ئەمما كوماننىڭ يېتەكلىشىدىكى بۇ كوماندا نۆۋەتتە بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان.

ئەگەر بارسېلونا بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى جۈمە سەھەردە ئوينايدىغان 33-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان تولۇقلىما مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا گرانادانى مەغلۇپ قىلسىلا، ئۇنداقتا بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە مادرىد ئاتلېتكىدىن ئېشىپ بىرىنچى ئورۇنغا چىقالايدۇ، ئەمما بىرلەشمىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا بارسېلونا بىلەن مادرىد ئاتلېتكا بىۋاستە رىقابەتلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ مەيدان مۇسابىقە ئاساسى جەھەتتىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشىنى مۇقىملىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مادرىد ئاتلېتكا ئۇتتۇرۇپ ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى، بارسېلونا گرانادانى يەڭسە بىرىنچى ئورۇنغا چىقىدۇ

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد ئاتلېتكا ئويلىمىغان يەردىن مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى،