ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاردىئولا ترېنېرلىق ھاياتىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە پەقەت مورىنھوغىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 08:30

بېيجىڭ ۋاقتى 25-ئاپرېل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پەسىللىك ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مانچېستېر شەھىرى 0:1 نەتىجىدە توتتېنھامنى مەغلۇپ ئۇدا تۆت قېتىم ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە توتتېنھام يېڭى ترېنېرى ريان ماسون ترېنېرلىق كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن توتتېنھام باش ترېنېرى مورىنھونى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، ناۋادا توتتېنھام مورىنھونى ئىشتىن بوشاتمىغان بولسا بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمىكن ئىدى، چۈنكى گۇاردىئولا ترېنېرلىق كەسپىي ھاياتىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە پەقەت مورىنھوغىلا ئۇتتۇرۇپ باققان.



گۇاردىئولا ترېنېرلىق كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغىچە جەمئىي 14 قېتىم مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، پەقەت بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، يەنى 2011-يىلىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاردىئولا يېتەكچىلىكىدىكى بارسېلونا 1:0 نەتىجىدە مورىنھو يېتەكچىلىكىدىكى خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاردىئولا ترېنېرلىق ھاياتىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە پەقەت مورىنھوغىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان

بېيجىڭ ۋاقتى 25-ئاپرېل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پەسىللىك ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مانچېستېر شەھىرى 0:1 نەتىجىدە توتتېنھامنى مەغلۇپ ئۇدا تۆت قېتىم ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى،