ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاللېگرى يۇۋېنتۇسقا قايتىپ ترېنېرلىق قىلىشقا قوشۇلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 09:53

يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى تولىمۇ ناچار بولدى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 33-ئايلانمىسىدا كوماندا 1:1 نەتىجىدە فئورېنتىنا بىلە تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، پىرلونىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى، ھەتتا بەزى تاراتقۇلار خەۋەر ئېلان قىلىپ ئاللېگرىنىڭ يۇۋېنتۇسقا قايتىپ ترېنېرلىق قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.

تۈنۈگۈن ئىتالىيەلىك داڭلىق تەنتەربىيە مۇخبىرى نىكولو سچىرا ئالاقە تورىدا خەۋەر ئاشكارىلاپ، يۇۋېنتۇسنىڭ كوماندىنىڭ سابىق باش ترېنېرلىرىنى ئىككىنچى قېتىم كوماندىغا تەكلىپ قىلىپ ترېنېرلىق قىلغۇزۇشتەك «ئەنئەنىسى»نىڭ بارلىقى، ئاللېگرىنىڭمۇ تراپاتتونى ۋە لىپپىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىم يۇۋېنتۇسنىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئۈچىنچى ترېنېر بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئىتالىيە تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاللېگرى يۇۋېنتۇسنىڭ رەئىسى ئاگنېللى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئۇ يۇۋېنتۇسقا قايتىپ ترېنېرلىق قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغان.

پىرلونىڭ كوماندىنىڭ مۇسابىقە تاكتىكىسىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلمىدى، بۇ نۇقتا ئۇنىڭ كوماندىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ياخشى نەتىجە يارىتالمايلا قالماستىن يەنە بىرلەشمە مۇسابىقىلەردىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز ھالەتنى نامايان قىلدى، يۇۋېنتۇس بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئاران 19 مەيدان غەلىبە قىلىپ توققۇز مەيدان تەڭلىشىپ بەش مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجىسى بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاللېگرىمۇ يۇۋېنتۇسقا قايتىپ كوماندىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاللېگرى يۇۋېنتۇسقا قايتىپ ترېنېرلىق قىلىشقا قوشۇلدى

يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى تولىمۇ ناچار بولدى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 33-ئايلانمىسىدا كوماندا 1:1 نەتىجىدە فئورېنتىنا بىلە تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، پىرلونىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى،