ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خانلىق مادرىد توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە پەقەت بېنزېماغا تايىنىپ قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 08:47

ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد 0:0 نەتىجىدە خانلىق بېتىس بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، يەنە كېلىپ بېنزېما يېقىندىن بۇيان ئاساسلىق ئەزا بولغان ئۇدا توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم توپ كىرگۈزەلمىدى، بېنزېما توپ كىرگۈزەلمىگەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باشقا سەپداشلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ پاسسىپ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدى، بۇ ئەھۋال ئېنىقلا خانلىق مادرىد ھۇجۇم سېپىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىدتا پەقەت بېنزېما كىرگۈزگەن توپ سانىلا قوش خانىلىق سانغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرمۇ توپچىنىڭ كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى ئونغا يەتمىگەن، بۇ خانلىق مادرىدنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق تارىخىدا 2-قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ترېنېر زىدانىمۇ كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنىڭ تولىمۇ ئاجىز بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بېنزېما توپ كىرگۈزەلمىگەن 19 مەيدان مۇسابىقە ئىچىدە يەتتە مەيداندا باشقا توپچىلارمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن، مەيلى ھۇجۇم سېپىدىكى توپچىلار بولسۇن ياكى باشقا ئورۇندىكى توپچىلار بولسۇن، كوماندىنىڭ ھۇجۇمىغا ئوخشاشلا كۈچ قوشالمىغان.

ئاللىقاچان 33 ياشقا كىرىپ قالغان بېنزېما بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە جەمئىي 27 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچىلاردىن بەش توپچى، يەنى كاسېمىرو (ئالتە توپ)، ئاسېنسىئو (ئالتە توپ)، ۋىنىسسيۇس (ئالتە توپ)، مودرىچ (تۆت توپ) ۋە راموس (تۆت توپ)قاتارلىقلار كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىمۇ پەقەت 26، يەنىلا بېنزېما كىرگۈزگەن توپ سانىدىن ئاز.

ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىدنىڭ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئەڭ ئاز توپ كىرگۈزگەن بىر مۇسابىقە پەسلى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە خانلىق مادرىد 45 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 76 توپ كىرگۈزدى، يەنى ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.69 توپ توغرا كېلىدۇ، ئۇلار 1999/2000 مۇسابىقە پەسلىدە 65 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 106 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.63 توپ توغرا كېلىدۇ. 2007/2008 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ 2017/2018 مۇسابىقە پەسلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار ھەر مۇسابىقە پەسلىدە 100دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىرگۈزگەن توپ سانى ئىككىدىن ئاشقان. كرىستيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندىن بۇيان بۇ تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتتى، 2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىدنىڭ ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىرگۈزگەن توپ سانى 1.89غا، 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدە بولسا 1.94كە چۈشۈپ قالدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خانلىق مادرىد توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە پەقەت بېنزېماغا تايىنىپ قالدى

ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد 0:0 نەتىجىدە خانلىق بېتىس بىلەن تەڭلىشىپ قالدى،