ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇئارېز: مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كېتىشىنى خالىمايمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-30 09:14

يېقىندا ئىسپانىيە «4-تېلىۋىزىيە قانىلى» بارسېلونادا توپ تەپكەن داڭلىق توپچىلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مادرىد ئاتلېتكىغا يۆتكەلگەن سۇئارېز مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش ئايرىلماسلىقى ئۈستىدە توختالدى.

سۇئارېز مۇنداق دېدى: «مەن مېسسىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، بارسېلونا مەستانىسى ۋە مېسسىنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇنىڭ كېتىشىنى خالىمايمەن. مېسسىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش بارسېلونادا يەنە ئۈچ يىل، تۆت يىل، بەش يىل، ئالتە يىل توپ تېپىش»

مېسسى بىلەن بارسېلونانىڭ توختامى بۇ مۇسابىقە پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن توشىدۇ، مېسسى ھازىرچە بارسېلونا بىلەن توختام ئۇزارتمىدى، بارسېلونا بولسا مېسسى بىلەن توختام ئۇزارتىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有