ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو 2006-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 4-ئايدىكى مۇسابىقىلەردە ئارانلا ئىككى توپ كىرگۈزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-30 09:16

«La Stampa»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو 4-ئايدا ئارانلا ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ رونالدونىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 4-ئايدىكى مۇسابىقىلەردە ئىككى توپ كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
يۇۋېنتۇس بىلەن رونالدونىڭ تۆتىنچى ئايدىكى ئىپادىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، پىرلو ئەمدى رونالدودىن ياردەم سوراپ يۇۋېنتۇسنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشى مۇمكىن. بولمىسا يۇۋېنتۇس كېلەر مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدۇ.

نۆۋەتتە يۇۋېنتۇستىكى پېرلو ۋە كرىستىيانو رونالدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن توپچىلارنىڭ كەلگۈسى گۇمانىي نەزەرگە ئۇچرىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۇۋېنتۇس چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمدىلىكتە پىرلو كرىستىيانو رونالدونى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كوماندىنى يىتەكلەپ قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈچەيدۇ.

ئەمما كرىستىيانو رونالدو نۆۋەتتە ئىنتايىن قىيىن بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، 4-ئايدىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئاران ئىككى توپ كىرگۈزگەن، بۇ 2006-يىلىدىن بۇيان ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە تېپىۋاتقان مەزگىلىدە 4-ئايدىكى مۇسابىقىلەردە ئىككى توپلا كىرگۈزگەن.
5-ئاينىڭ 3-كۈنى 0:00دە ئۇدېنىس بىلەن بولغان مۇسابىقە يۇۋېنتۇس ۋە كرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق ھېسابلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有