ترۇمپ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
خەلقئارا سىنوك بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ترۇمپ ئۇدا ئۈچ يىل «يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. 2020/2021 مۇسابىقە پەسلىدە ترۇمپ جەمئىي بەش تۈرلۈك رەت-تەرتىپ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، (ئەنگلىيە ئاشكارا مۇسابىقىسى، شىمالىي ئىرېلاندىيە ئاشكارا مۇسابىقىسى، دۇنيا كاتتا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، گېرمانىيە پىشۋالار مۇسابىقىسى ۋە جەبىلتارىق ئاشكارە مۇسابىقىسى) ئۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە سېلبى كەسپىي ھاياتىدا 4-قېتىم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ياۋروپا پېشۋالار مۇسابىقىسى ۋە شوتلاندىيە ئاشكارە مۇسابىقىسى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، رەت-تەرتىپتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى. سېلبى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 15:18 نەتىجە بىلەن مورفېينى يېڭىپ چېمپىيونلۇقى قولغا كەلتۈرۈپ، «يىللىق ئەڭ قالتىس نەتىجە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
21 ياشلىق ئېلىمىز ماھىرى پاڭ جۈنشۈ كەسپىي ماھىر بولغان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقىدە 16 كۈچلۈككە كىرىپ، بىر يىلدىن بۇيانقى قالتىس ئىپادىسى بىلەن «يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
روبېرتسون ئەنگلىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا 9:10 نەتىجە ترۇمپتىن تەتۈر ئېشىپ غەلىبە قىلىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ «يىللىق ئاجايىپ دەقىقە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2020/2021 مۇسابىقە پەسلىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ تىزىملىكى:
يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى: ترۇمپ
مەستانىلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى: ترۇمپ
تاراتقۇلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى: سېلبى
يىللىق ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان توپچى: سېلبى
يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر: پاڭ جۈنشۈ
يىللىق ئاجايىپ دەقىقە مۇكاپاتى: روبېرتسون