ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېيمار فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى توپچىغا ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 10:58

بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر ئوينالغان فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى نېيمار نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇمۇ نېيمارنىڭ فرانسىيە بىرلەشمىسى ھاياتىدىكى تەپكەن 18 نۇقتا توپ ئىچىدىكى كىرگۈزگەن 17-نۇقتا توپى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاز دېگەندىمۇ يەتتە قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ باققان توپچىلار ئىچىدە فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى توپچى ھېسابلىنىدىكەن.


بۇمۇ نېيمارنىڭ 2017/2018 مۇسابىقە پەسلى پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغاندىن بۇيان فرانسىيە بىرلەشمىسىدە 18-قېتىم نۇقتا توپ تېپىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 17 نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن، نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتىمۇ %94كە يەتكەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017/2018 مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان فرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە يەتتە قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ باققان توپچىلار ئىچىدە نېيمارنىڭ نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېيمار فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى توپچىغا ئايلاندى

بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر ئوينالغان فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى،