ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مانچېستېر شەھىرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:46

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ماي تاڭ سەھەردە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيدانىدا 2:1 نەتىجىدە لېيسېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرىۋەتتى. مانچېستېر شەھىرى 10 نومۇر ئەۋزەللىككە بىلەن رەت-تەرتىپى ئىككىنچى ئورۇندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ، ئۈچ ئايلانما بۇرۇن مۇشۇ مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، بۇ مانچېستېر شەھىرىنىڭ كوماندا تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن بەشىنچى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى.

2019/20-مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر شەھىرى لىۋېرپول بىلەن رىقابەتلىشىش جەريانىدا ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. مۇشۇ مۇسابىقە پەسىللىك بىرلەشمىدە مانچېستېر شەھىرىنىڭ باشلىنىشى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، مۇداپىئە سېپى مۇقىمسىز، ئاگۈيرو ئېغىر يارلاندى، شۇ سەۋەبلىك مانچېستېر شەھىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئېغىر تەسىر يېتىپ، بىر مەھەر بىرلەشمىدە 13-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

ئالدىنقى يېرىم مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ناچار بولۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۇاردىئولانىڭ مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر قېتىم بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى قايتا كۆرسەتتى. ئۇدا 15 مەيدان غەلبە قىلغاندىن كېيىن سەركىلىك ئورنىنى ئىگەللىدى.

مۇشۇ مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، مانچېستېر شەھىرى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى ئۇچرىشىشىدا 1:4 نەتىجىدە پارىژنى شاللىغاندىن كېيىن، مانچېستېر شەھىرى كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كونا رەقىبى چېلسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، گۇاردىئولا ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مۆجىزە يارىتالامدۇ؟ بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مانچېستېر شەھىرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولدى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ماي تاڭ سەھەردە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيدانىدا 2:1 نەتىجىدە لېيسېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرىۋەتتى.