ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

AC مىلان بىرلەشمە تارىخىدىكى ئىككى تۈرلۈك رېكورت بىلەن تەڭلەشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 08:58

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، تۇرىن ساھىبخان مەيداندا AC مىلان بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان «قىزىل قارا قوشۇن» مېھمان مەيداندا 0:7 نەتىجىدە تۇرىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇمۇ AC مىلاننىڭ 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرلەشمىدىكى يەككە مەيدان مۇسابىقىدە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە توپ كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن، تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە AC مىلان ئىتالىيەبىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيداندا 1:7 نەتىجىدە كرېمونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.


يۇقارقىلاردىن باشقا بۇ مەيدان غەلىبە AC مىلاننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىدىكى مېھمان مەيدان مۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن 15-مەيدان غەلبىسى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ نەتىجىسى بىلەن AC مىلان خەلقئارا مىلان 2006/2007 مۇسابىقە پەسلى ياراتقان يەككە مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيداندا ئەڭ كۆپ غەلىبە قىلىش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، ئەگەر AC مىلان بىرلەشمىنىڭ 38-ئايلانمىسىدىكى مېھمان مەيداندا ئاتلانتا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالىسا، ئۇنداقتا ئۇلار بىرلەشمە تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىدىكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كېسسى نۇقتا توپنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كوماندىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى كىرگۈزگەن.

بۇمۇ AC مىلاننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە قولغا كەلتۈرگەن 18-نۇقتا توپى بولۇپ، لازىئونىڭ 2019/2020 مۇسابىقە پەسلى ياراتقان «Opta» تاراتقۇسى ئىستاتىستىكا قىلىشنى باشلىغاندىن (2004/2005 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ئىستاتىستىكا قىلغان) بۇيانقى يەككە مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ نۇقتا توپقا ئېرىشىش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.

AC مىلاننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئېرىشكەن نۇقتا توپ سانى بىرلەشمىدىكى باشقا ھەر قانداق كوماندىلاردىن ئاز دېگەندىمۇ ئالتە قېتىملىقى ئارتۇق ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

AC مىلان بىرلەشمە تارىخىدىكى ئىككى تۈرلۈك رېكورت بىلەن تەڭلەشتى

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى،