ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تارىختا بىرىنچى! رونالدو ئوخشاش بولمىغان ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 100 توپ كىرگۈزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 16:06

بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس 1:3 نەتىجىدە ساسۇلونى مەغلۇپ قىلدى، كرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن بۇيانقى 100-توپىنى تاماملىدى. «ESPN»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، كرىستىيانو رونالدو پۇتبول دۇنياسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 100 توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلانغان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ كۇلۇبتىكى سانلىق مەلۇماتى:

پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى: 31 مەيداندا بەش توپ كىرگۈزۈپ ئالتە ياردەمچى پاس بەرگەن

مانچېستېر بىرلەشمىسى: 292 مەيداندا 118 توپ كىرگۈزۈپ 69 ياردەمچى پاس بەرگەن

خانلىق مادرىد: 438 مەيداندا 450 توپ كىرگۈزۈپ 132 ياردەمچى پاس بەرگەن

يۇۋېنتۇس: 131 مەيداندا 100 توپ كىرگۈزۈپ 22 ياردەمچى پاس بەرگەن

بۇنىڭدىن باشقا، رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدا 173 مەيداندا 103 توپ كىرگۈزگەن

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تارىختا بىرىنچى! رونالدو ئوخشاش بولمىغان ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 100 توپ كىرگۈزدى

بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس 1:3 نەتىجىدە ساسۇلونى مەغلۇپ قىلدى،