ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-18 09:47

ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتقان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مېسسى، دىمارىيا، ئاگۈيرو ۋە لاۋتارو قاتارلىق توپچىلار تىزىملىككە تاللاندى، لېكىن دىبالا تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى 6-ئاينىڭ بېشىدىكى دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا تاللاش مۇسابىقىسىدە، چىلى كوماندىسى ۋە كولۇمبىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار تىزىملىكى:

قاپقىچى: موسۇ (ئۇدىنېس)، مارچىسېن (پورتو)، ئېمىلىيانو مارتىنېز (ئاستون ۋىللا)

بېك: تاگلىيافىكو (ئاجاكس)، پېزېللا (فىئورېنتىنا)، پالومىنو (ئاتلانتا)، ئوتامېندى (بېنفىكا)، كرىستىيان رومېرو (ئاتلانتا)، كۇارتا (فىئورېنتىنا)، لىساندرو مارتىنېز (ئاجاكس)، ئاكۇنا (سېۋىللا)، مولىنا (ئۇدىنېس)، فويس (ۋىللارېئال)

ئوتتۇرا مەيدان: پارېدېس (پارىژ سانت گېرمان)، پالاسىئوس (لېۋېركۇسېن)، رودرىگۇز (خانلىق بېتىس)، دېپائۇل (ئۇدىنېس)، دىمارىيا (پارىژ سانت گېرمان)، دومىنگۇز (بولۇگنا)، لوسېلسو (توتتېنھام)

ھۇجۇم: ئوكامپوس (سېۋىللا)، مېسسى (بارسېلونا)، ئاگۈيرو (مانچېستېر شەھىرى)، ئالارىئو (لېۋېركۇسېن)، بۇئېندىيا (نورۋىچ)، لاۋتارو (خەلقئارا مىلان)، كورېئا (مادرىد ئاتلېتكا)، خۇئەن كورېئا (لازىئو)، گومېز (سېۋىللا)

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتقان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى،