NBA ئالدىنقى ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار: كۇررى، ۋېستبروك
بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى NBA ئورگان تەرەپ غەربىي رايون ۋە شەرقىي رايوننىڭ 5-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلىرىنى ئېلان قىلدى. قەھرىمانلار كوماندىسى يادرولۇق توپچىسى كۇررى غەربىي رايوننىڭ ئالدىنقى ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالاندى، تالانتلىقلار كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى ۋېستبروك شەرقىي رايوننىڭ ئالدىنقى ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالاندى.
5-ئايدا كۇررى قەھرىمانلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ سەككىز مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.8 نومۇر، 5.1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، 5.6 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن.
بۇ ئايدا ۋېستبروك تالانتلىقلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان مەغلۇپ بولغان، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 26.3 نومۇر، 13.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، 16.1 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن.