ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مېسسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە 10 تۈرلۈك رېكورتىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-13 14:49

ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا مېسسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مېسسىنىڭ رېكورتلىرىنى يېڭىلىدى. تەپسىلىي ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:

 

1. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى: 71 توپ
2. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى: 28 توپ
3. ئالتۇن توپقا ئەڭ كۆپ قېتىم ئېرىشكەن توپچى: ئالتە قېتىم
4. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى: 474 توپ
5. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە يەككە پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى: 50 توپ (2011/2012 مۇسابىقە پەسىلىدە)
6. بىر يىلدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى: 91 توپ
7. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىغان توپچى: 36 قېتىم
8. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچى: 10 قېتىم
9. ياۋروپا بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ قېتىم ئېرىشكەن توپچى: ئالتە قېتىم
10. بىر كۇلۇبقا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن توپچى: 35 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مېسسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە 10 تۈرلۈك رېكورتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.