2021-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىرىنى قوللاش نىسبىتى: مېسسى %81 قوللاشقا ئېرىشتى
ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى ئاخىرلىشىپ ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، 2021-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىمۇ مەستانىلەر ۋە تاراتقۇلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، %81 زىيارەت قىلىنغۇچى مېسسىنىڭ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باشقا نامزاتلار ئىچىدە يورگىنھو %5 قوللاش نىسبىتى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، لېۋاندوۋىسكى ۋە كانتې %4لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دوننارۇمما %2 قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن، كرىستىيانو رونالدو، نېيمار، بېنزېما، دېبرۇينې ۋە باشقا توپچىلار پەقەت %1 قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن.