ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو ياۋروپا لوڭقىسىدا ئېلىمىز مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان چولپىنىغا ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-14 16:06

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپان كرىستىيانو رونالدو ياۋروپا لوڭقىسىدا ئېلىمىز مەستانىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان.

بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىتالىيە كوماندىسى ئېنگلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، پورتۇگالىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. رونالدو 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتتى، ئەمما ئۇ يەنىلا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن شەرىپىگە ئېرىشتى.

مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، رونالدو يەنىلا ئېلىمىز مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، رونالدو ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئېلىمىز مەستانىلىرى ئۇنى تەبرىكلىدى. ھەتتا مىكروبىلوگدا «كرىستىيانو رونالدو جۇڭگو مەستانىلىرى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان چولپان» دېگەن تېما 36 مىليون قېتىم كۆرۈلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有