ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېباس: ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ھېچكىم يوق

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:18

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېباس مېسسى، راموس قاتارلىق توپچىلارنىڭ بۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

تېباس مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنى بەك سېغىندىم، خۇددى كىرىستىيانو رونالدونى سېغىنغانغا ئوخشاش، بىراق كەم بولسا بولمايدىغان ھېچكىم يوق. كرىستىيانو رونالدو بىلەن نېيمار كېتىپ قالدى، بۇ خۇددى بىر ئاپەت خاراكتېرلىك ئىش بولدى. لېكىن بىز يەنىلا داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتىمىز، مېسسىنىڭ كېتىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن بۇلاردىن ئەنسىرىمەيمەن. بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ۋېنسىئۇسقا ئوخشاش ياش توپچىلىرىمىز بار، پارىژ سانت گېرماننىڭ قوشۇۋالغان توپچىلىرىغا قارىغاندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدا.»

تېباس يەنە پارىژ سانت گېرمان ھەققىدە توختىلىپ: «پارىژ سانت گېرماننىڭ مائاش چىقىمى 600 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى، سودا كىرىمى باشقا كۇلۇبلارنىڭكىدىن %30 يۇقىرى. بىز تۆت يىل ئىلگىرىلا پارىژ سانت گېرمان ۋە مانچېستېر شەھىرىنى ئەيىبلىدۇق، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ئۇلارنى جازالىدى، لېكىن تەنتەربىيە كېسىم سوتى CAS ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالدى» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تېباس: ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ھېچكىم يوق

مەن ئۇلارنى بەك سېغىندىم، خۇددى كىرىستىيانو رونالدونى سېغىنغانغا ئوخشاش، بىراق كەم بولسا بولمايدىغان ھېچكىم يوق.