ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارىژ سانت گېرمانغا نىسبەتەن راموسنى قوشۇۋېلىش بىر خاتالىق

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:57

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان راموس فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تېخى كۈتۈۋالالمىدى. ئىسپانىيەلىك بۇ ئوتتۇرا بېكنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. يېقىندا پارىژ سانت گېرماننىڭ سابىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى جېروم روتېن RMC تەنتەربىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى، فرانسىيەلىك بۇ توپچى راموسنى قوشۇۋېلىشنىڭ كوماندىغا نىسبەتەن بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «راموس پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغاندىن بۇيان، داۋالىنىش، ئەسلىگە كېلىش ئىچىدە ئۆتتى. كەسپىي ھاياتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىزچىل يارىلىنىشقا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئەگەر توپچى مەشىق رېتىمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، بەدەن شارائىتى ئۇنىڭغا يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. كىشىلەر ھەمىشە راموس ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ دېيىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچى بۈگۈنگىچە ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى. توپ مەيدانىدا ئۇ چوقۇم كوماندا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى كىمپېمبې ۋە ماركىنھوس بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، شەخسىي قابىلىيەت جەھەتتە ئۇ ئىككىسى راموسقا يەتمەمدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، راموسنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىراتى شۇكى، پارىژ سانت گېرمان ئۈچۈن ئېيتقاندا راموسنى قوشۇۋېلىش بىر خاتالىق.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارىژ سانت گېرمانغا نىسبەتەن راموسنى قوشۇۋېلىش بىر خاتالىق

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان راموس فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تېخى كۈتۈۋالالمىدى.