ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 150 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان 3-توپچىغا ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 09:22

بېيجىڭ ۋاقتى 16-سېنتەبىر سەھەردە ئوينالغان 2021/2022 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا برۇگېس بىلەن مۇسابىقىلەشتى، پارىژ سانت گېرماندىن مېسسى، نېيمار، مباپپېلار ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشتى.

نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «OptaJoe» تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا قاتناشقان 150-مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇ قاپقىچى ئورنىدىكى توپچىلاردىن باشقا ئۈچىنچى بولۇپ مۇشۇنداق نەتىجىنى ياراتقان توپچىغا ئايلانغان.

مېسسىدىن باشقا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە قاپقىچىدىن باشقا 150 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچىلاردىن 177 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان كرىستىيانو رونالدو بىلەن 151 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان شاۋى بار.

مېسسى بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە پارىژ سانت گېرمانغا يۆتكەلگەندىن كېيىن رېيمس بىلەن ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا نېيمار بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىققانىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى، نېيمار، مباپپېدىن تۈزۈلگەن يېڭى ھۇجۇم گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا پارىژ سانت گېرمانغا ۋاكالىتەن ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有