دىبالا: يۇۋېنتۇس بىلەن تېزراق توختام ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىمەن
يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى دىبالا يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ توختام ئۇزارتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.
دىبالا مۇنداق دېدى: «مەن يۇۋېنتۇس بىلەن تېزرەك يېڭى توختام ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى ئوخشاش، شۇڭا مېنىڭ توختام ئۇزارتىشقا ئىشەنچىم بار. بۇ يىل يازدا بىز توختام ئۇزارتىش سۆھبىتىنى قايتا باشلىدۇق، مېنىڭ يۇۋېنتۇستا قالغۇم بار، كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىمىز.»
دىبالانىڭ ھازىرقى توختام مۇددىتى كېلەر يىلى يازدا توشىدۇ، ئۇ ئالدىنقى پەسىلدە 26 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بەش توپ كىرگۈزدى ۋە ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۈچ قېتىم مەيدانغا چىقىپ، ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.